مۇھەررەم

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

بۇنىڭدىن بىر نەچچە سائەت ئىلگىرى، يەنى 2023-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى كۈن پېتىشى بىلەن ھىجىرىيە 1444-يىلىنى ئۇزاتتۇق. مۇشۇ تاپتا 1445-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، «ئاللاھنىڭ ئېيى» دەپ نام ئالغان مۇھەررەم ئېيىنىڭ 1-كۈنىنىڭ دەسلەپكى سائەتلىرىدە تۇرۇۋاتىمىز.
دىنىمىزدا يېڭى يىلنى تەبرىكلەپ، تىلەك تىلەيدىغان ئىش يوق. لېكىن، ئاللاھ خالىسا يىلنىڭ بېشى بولغان بۇ مۇھەررەم ئېيىنىڭ پەزىلىتى ۋە بۇ ئايدا قىلىش تەۋسىيە قىلىنغان ئەمەللەر بىلەن تونۇشۇپ ئۆتۈشنىڭ پۈتۈن بىر يىلىمىزنى ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چوڭ ياردىمى بار.


تەقۋادارلىقنى كۈچەيتىش
دىنىمىزدا زۇلقەئدە، زۇلھىججە، مۇھەررەم ۋە رەجەپ ئايلىرى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان، مۇقەددەس ئايلاردۇر. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يېرى،بۇلار پەقەت ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلار بولۇپلا قالماستىن بەلكى ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق ماكاندا قىلىش ھارام قىلىنغان بارلىق ئىش – ھەرىكەت، گەپ – سۆزلەر بۇ ئايلاردا تېخىمۇ ھارام قىلىنغان، سادىر قىلىنسا گۇناھى تېخىمۇ چوڭ بولىدىغان، ھۆرمىتى ئالاھىدە ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئايلاردۇر. ئىسمىدىنلا مەلۇم بولۇپ تۇرغىنىدەك، «مۇھەررەم» («ھارام قىلغۇچى» دېگەن مەنىدە) ئېيى يۇقارقى نۇقتىلارنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، تېخىمۇ تەكىتلەپ تۇرۇپتۇ. شۇڭلاشقا بۇ ئايدا تەقۋالىقنى كۈچەيتىش ئاللاھقا باشقا ۋاقىتلاردىنمۇ بەكرەك سۆيۈملۈكتۇر.

إِنَّ عِدَّةَ ٱلشُّهُورِ عِندَ ٱللَّهِ ٱثْنَا عَشَرَ شَهْرًۭا فِى كِتَـٰبِ ٱللَّهِ يَوْمَ خَلَقَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ مِنْهَآ أَرْبَعَةٌ حُرُمٌۭ ۚ ذَٰلِكَ ٱلدِّينُ ٱلْقَيِّمُ ۚ فَلَا تَظْلِمُوا۟ فِيهِنَّ أَنفُسَكُمْ ۚ وَقَـٰتِلُوا۟ ٱلْمُشْرِكِينَ كَآفَّةًۭ كَمَا يُقَـٰتِلُونَكُمْ كَآفَّةًۭ ۚ وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ مَعَ ٱلْمُتَّقِينَ (٣٦ التوبة)

«شۈبھىسىزكى، ئاسمان ۋە زېمىن يارىتىلغاندىن تارتىپ (قەمەرى) ئايلارنىڭ سانى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) 12 دۇر، ئۇلاردىن تۆتى (يەنى زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم، رەجەپ) ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان ئايلاردۇر، بۇ توغرا دىندۇر (يەنى مەزكۇر تۆت ئايدا ئۇرۇشنىڭ ھارام قىلىنىشى ئاللاھنىڭ توغرا دىنىدۇر)، بۇ ئايلاردا (ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق بىلەن، ئاللاھ چەكلىگەن گۇناھ ئىشلارنى قىلىش بىلەن) ئۆزۈڭلارغا زىيان سالماڭلار، مۇشرىكلار سىلەرگە بىرلىكتە ھۇجۇم قىلغاندەك، سىلەرمۇ ئۇلارغا قارشى بىرلىكتە ئۇرۇش قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈش، مەنئى قىلغان ئىشلىرىدىن چەكلىنىش بىلەن ئاللاھتىن قورققۇچىلارغا ئاللاھنىڭ ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچتە بولۇڭلار.)»[سۈرە تەۋبە 36- ئايەت]

قەتادە بۇ ئايەتتىكى «ئۆزۈڭلارغا زىيان سالماڭلار» دېگەن كەلىمىلەر ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا زۇلۇم قىلىش ئەڭ چوڭ خاتالىقتۇر ۋە شۇ ئايلاردا قىلغان زۇلۇم باشقا ئايلاردا قىلغان زۇلۇمغا قارىغاندا ئېغىر گۇناھتۇر. گەرچە زۇلۇم قىلىش ھەر قانداق ھالەتتە ئېغىر گۇناھ بولسىمۇ، لېكىن الله ئۆزى خالىغان ئىشنىڭ گۇناھىنى ئېغىرلىتىدۇ. شەك ـ شۈبھىسىزكى، الله تائالا مەخلۇقاتلىرىنىڭ ئىچىدىن بەزى شەيئىلەرنى تاللىدى. پەرىشتىلەرنىڭ ئىچىدىن بەزى پەرىشتىلەرنى ئەلچى قىلىپ تاللىدى. ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىن پەيغەمبەرلەرنى ئەلچى قىلىپ تاللىدى، سۆزلەرنىڭ ئىچىدىن الله تائالانى زىكرى قىلىشنى تاللىدى، زېمىن ئىچىدە مەسچىتلەرنى تاللىدى، ئايلار ئىچىدىن رامىزان ئېيىنى ۋە ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان ئايلارنى تاللىدى. كۈنلەر ئىچىدىن جۈمە كۈنىنى تاللىدى، كېچىلەر ئىچىدىن شەبى قەدرى كېچىسىنى تاللىدى. الله ئۇلۇغلىغان نەرسىنى سىلەرمۇ ئۇلۇغلاڭلار. ھەقىقەتەن الله ئۇلۇغلىغان ئىشلار چوڭقۇر چۈشەنچىگە ۋە ساغلام ئەقىلگە ئىگە كىشىلەر ئالدىدا ئۇلۇغلىنىدۇ.»

روزا تۇتۇش
ئەبۇ ھۈرەيرە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ (ئاللاھنىڭ سالىمى ئۇ زاتقا بولسۇن) مۇنداق دېگەن:« رامىزاندا تۇتۇلغان روزىدىن قالسىلا روزىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ئاللاھنىڭ ئېيى مۇھەررەمدە تۇتۇلغان روزىدۇر.»
(سەھىھ مۇسلىم 1982)

باشقا ئىشەنچلىك ھەدىسلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، رەسۇلۇللاھ (ئاللاھنىڭ سالىمى ئۇ زاتقا بولسۇن) رامىزاندىن باشقا ھېچبىر ئايدا تولۇق روزا تۇتقان ئەمەس. يۇقىرىقى ھەدىستىن مۇھەررەم ئېيىدا ئاللاھتىن ساۋاب ۋە مەغفىرەت ئۈمىد قىلغان ھالدا، قولىمىزدىن كېلىشىچە كۆپلەپ روزا تۇتۇش، دېگەن مەلۇماتنى ئالىمىز، ئەمما ئاي چىققۇچە تولۇق روزا تۇتمايمىز.

ئاشۇرا كۈنى
ئاشۇرا كۈنى مۇھەررەم ئېيىنىڭ 10-كۈنى بولۇپ، بۇ كۈندە روزا تۇتۇش كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىنغان، شارائىتىمىز يار بەرسە بۇ كۈننىڭ ئالدىدىكى بىر كۈن ۋە كەينىدىكى بىر كۈننىمۇ قوشۇپ تۇتۇش بەزى ھەدىسلەردە تىلغا ئېلىنغان. بۇ روزىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىكى گۇناھلارنى ئۆچۈرىدىغانلىقى (بۇ يەردە كىچىك گۇناھلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ، چوڭ گۇناھلار ئۈچۈن ئىخلاس بىلەن قىلىنغان سەمىمىي تەۋبە شەرت.) ئىشەنچلىك ھەدىستە كەلتۈرۈلگەن.
رەسۇلۇللاھ (ئاللاھنىڭ سالىمى ئۇ زاتقا بولسۇن) مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىن يەھۇدىيلارنىڭ ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتىدىغانلىقىنى كۆردى ۋە ئۇلاردىن بۇ ھەقتە سورىدى. يەھۇدىيلار «بۇ بىر كاتتا كۈن. بۇ كۈندە ئاللاھ ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنى فىرئەۋننىڭ زۇلۇمىدىن قۇتقۇزغان، بۇ كۈندە مۇسا (ئەلەيھىسسالام) روزا تۇتاتتى»(بەزى ۋارىيانتىدا «ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش ئۈچۈن روزا تۇتاتتى» دېيىلگەن.) دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ (ئاللاھنىڭ سالىمى ئۇ زاتقا بولسۇن) « مۇسا ئەلەيھىسسالامغا سىلەرگە قارىغاندا بىز بەكرەك يېقىن» دېدى ۋە بۇ كۈندە روزا تۇتتى، شۇنداقلا ساھابىلارغىمۇ روزا تۇتۇشنى ئېيتتى.
(ئابدۇللاھ ئىبىن ئابباس رىۋايەت قىلغان، بۇخارى 1865)
يەنە ئوخشىمىغان ھەدىسلەردە رەسۇلۇللاھنىڭ (ئاللاھنىڭ سالىمى ئۇ زاتقا بولسۇن) ئاشۇرا كۈنىنىڭ ئالدىدىكى ياكى كەينىدىكى ياكى ئالدى ۋە كەينىدىكى ھەر ئىككى كۈننى قوشۇپ روزا تۇتۇش توغرىلىق بايان قىلىنغان. شەيخ ئالبانى قاتارلىق بەزى داڭلىق ھەدىسشۇناسلار بۇنى ئاجىز ھەدىس، دەپ ئايرىغان.
زور كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىتتىپاقى تۆۋەندىكىدەك:
ئاجىز ھەدىس بولۇشى مۇمكىن ئەمما توقۇلما، ساختا ھەدىس ئەمەس. رەسۇلۇللاھنىڭ (ئاللاھنىڭ سالىمى ئۇ زاتقا بولسۇن) بۇ ئايدىكى روزا رامىزان روزىسىدىن قالسىلا ئەڭ كاتتا روزا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ كەلگەن ئىشەنچلىك ھەدىسىگە ئاساسلىنىپ ھەمدە ھىلال ئاينى تاساددىپى خاتا كۆرۈپ قېلىش ئېھتىمالى بىلەن ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتىدىن مەھرۇم قالماسلىق ئۈچۈن، بۇ ئۈچ كۈننىڭ ھەممىسىدە روزا تۇتۇش مۇستەھەب (قىلىش ياخشى كۆرۈلىدىغان) ئەمەل ھېسابلىنىدۇ. لېكىن ئىككى كۈن تۇتۇش ياكى پەقەت ئاشۇرا كۈنىدە بىر كۈنلا تۇتۇشنىڭ ھېچبىر خاتاسى يوق.

(«مۇھەررەم ئېيىنىڭ 9،10،11-كۈنلىرى روزا تۇتۇش سۈننەت» دېگەن خاتا چۈشەنچە ئومۇملىشىپ بىدئەتكە ئايلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، يۇقىرىقىلار تەپسىلىي بايان قىلىندى.)

ئاللاھ تەئەلە ھەممىمىزنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا قىلغان بارلىق ياخشى ئەمەللىرىمىزنى كاتتا ئەجىرلەر بىلەن قوبۇل قىلسۇن ۋە داۋاملاشتۇرۇپ بەرسۇن، قىلىپ سالغان يامان ئىشلىرىمىزنى ئۆز مەرھەمىتى بىلەن ئەپۇ قىلسۇن، يامانلىقلاردىن ئۈزۈل – كېسىل قول ئۈزۈشكە، يېڭى يىلدا يېڭى بالداقلارغا ئۆزلەشكە نېسىپ قىلسۇن، ئەمىن.

قوشۇمچە

وَإِذْ نَجَّيْنَـٰكُم مِّنْ ءَالِ فِرْعَوْنَ يَسُومُونَكُمْ سُوٓءَ ٱلْعَذَابِ يُذَبِّحُونَ أَبْنَآءَكُمْ وَيَسْتَحْيُونَ نِسَآءَكُمْ ۚ وَفِى ذَٰلِكُم بَلَآءٌۭ مِّن رَّبِّكُمْ عَظِيمٌۭ (البقرة٤٩)

ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى قاتتىق قىينىغان، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلاپ، قىزلىرىڭلارنى (پايدىلىنىش ئۈچۈن) تىرىك قالدۇرغان پىرئەۋن گۇرۇھىدىن سىلەرنى قۇتقۇزدۇق. بۇ، پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ (ياخشى ئادەم بىلەن يامان ئادەمنى ئايرىيدىغان) چوڭ سىنىقى ئىدى. (سۈرە بەقەرە 49-ئايەت)

فىرئەۋن ئىسرائىل ئەۋلادىغا سالغان ھۆكۈمرانلىقىنى غۇلىتىشتىن ئەنسىرەپ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىز – ئاياللىرىنى ئەمگەككە سېلىش ئۈچۈن ھايات قويغان ئاشۇ زۇلۇمنى خىتاي بۈگۈن بىز ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش تەرىقىدە ھەتتا تېخىمۇ دەھشەتلىك تۈردە سېلىۋاتىدۇ. ئاللاھنىڭ بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ۋەتەن سىرتىغا چىقىرىشى بىز بەك ئېسىل، ئاللاھقا يېقىن كىشىلەر بولغانلىقىمىز ئۈچۈن بىزگە قىلغان مەرھىمىتى ئەمەس بەلكى بۇ ئايەتتە دېيىلگەندەك بىز ئۈچۈن چوڭ بىر سىناق بولۇشى مۇمكىن.
ھەر دائىم ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىن بولۇش، ئاللاھنىڭ ۋەدە قىلغان ياردىمىگە لايىقلىشىش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى توختىماي ئىسلاھ قىلىش، ۋەتەن ۋە خەلقىمىز ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تۈرلۈك شەكىللەردە كۈرەش قىلىشتىن سىرت يەنە ئاشۇرا كۈنىدە ئەھۋالىمىز ئوخشاپ كېتىدىغان مۇشۇ ئايەتلەردىن ئىبرەت ئېلىش، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە كۆپلەپ شۈكۈر قىلىش، ۋەتەننىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەققى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەك چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە

About the author

Leave a Reply